'بىرلەشمە ئاگېنتلىقى' نىڭ توكيودىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھەربىي كۈچىنى ھەدەپ ئاشۇرۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، ياپونىيە يېڭىچە ئۈسكۈنىلەرنى ياساپ چىقىپ، خىتاينىڭ قىسمەن ھەربىي پائالىيەتلىرىنى ئېلېكترو-ماگنېت دولقۇنلىرى بىلەن نازارەت قىلىشقا باشلىغان.
ياپونىيىدە چىقىدىغان 'يومىئورى شىنبون' گېزىتى ياپونىيىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئاگېنتلىرىنىڭ خىتاي -ياپونىيە ئارىسىدا تالاش-تارتىشتا تۇرۇۋاتقان رايونلارغا يېقىن بولغان مىياكو ئارىلىدىكى ئوكىناۋا ۋىلايىتىدە، خىتاينىڭ ھەربىي ئايروپىلان ۋە رادار سىستېمىسىنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىدىغان يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى ئورنىتىشقا باشلىغانلىقىنى تەپسىلىي خەۋەر قىلغان. بۇنداق يېڭى ئۈسكۈنىلەر مەزكۇر ئارالدىن 1120 دېڭىز چاقىرىم يىراقلىقتىكى سەنكاكۇ ئاراللىرىدا يۈز بېرىۋاتقان رادىئو، رادار دولقۇنلىرىنى پەرقلەندۈرەلەيدىكەن.
ياپونىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تارو ئاسونىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي 1990 - يلىدىن بۇيان ھەربى كۈچىنى ئۆزلۈكسىز ئاشۇرۇشقا باشلىغان ئىدى. ھازىر خىتاينىڭ جاسۇس ئايروپىلانلىرى ياپونىيىنىڭ دېڭىز تەۋەسىدە ئېلىپ بارىدىغان پائالىيىتىنى كۆپەيتىپ، ياپونىيىگە تەھدىت سالماقتا. (ۋەلى)