خۇ جىنتاۋ كۇبا بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە كېلىشتى


2004.11.24

خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ سەيشەنبە كۈنى كۇبادىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، خىتايغا قايتتى. ئۇ زىيارىتى جەريانىدا ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيتىشكە كېلىشتى.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ يەنە سەيشەنبە كۈنى كۇبادا ئېلىپ بېرىلغان بىر ئىقتىسادىي سۆھبەتتە، خىتاي بىلەن كۇبانىڭ ئورتاق نىشانى بارلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كۇبا پرېزىدېنتى فىدېل كاسترو سۆھبەت جەريانىدا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى مەدھىيلەپ، خىتاينى "دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى" دەپ ئاتىغان.

شۇنداقلا كۇبا دۈشەنبە كۈنى خىتاي تەرەپ بىلەن 16 تۈرلۈك سودا كېلىشىمىگە قول قويغان بولۇپ، بۇلار كۇبادا نىكېل پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇش، بىرلىكتە مەبلەغ سالغان كارخانا بەرپا قىلىش شۇنداقلا كۇبانىڭ نىكېل بايلىقىنى بىرلىكتە ئېچىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

نۆۋەتتە خىتاي كۇبانىڭ ۋېنىسىئۇلا ۋە ئىسپانىيەدىن قالسىلا 3 - چوڭ سودا ھەمكاردىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.