كاستىرو دۆلەت رەئىسلىكىدىن ئىستىپا بەردى

كۇبا ئاخباراتلىرى بۈگۈن كۇبا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن، فىدال كاسترونىڭ دۆلەت رەئىسلىكىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.. بۇنىڭ بىلەن كاسترونىڭ كۇبانى 48 يىل ئىدارە قىلىش تارىخى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيىسىدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى ساقلاپ قالغان.

كاسترو 1959 - يىلى كۇبادا سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمىتىنى قۇرغان ئىدى. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىشىچە، يەكشەنبە ئېچىلىش پىلانلانغان كۇبا خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا كاسترو كېلەر نۆۋەتلىك دۆلەت رەئىسلىكى سايلىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ھەمدە دۆلەت رەئىسلىكىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ يىل 81 ياشقا كەلگەن فىدال كاستىرونى بەزىلەر ئىنقىلابى قەھرىمان دەپ تونۇسا، بەزىلەر ئۇنىڭغا كوممۇنىست دىكتاتور دەپ باھا بېرىدۇ.

كاسترو 1960 ‏- يىلىدا رۇسىيە بىلەن زىچ ئىتتىپاق قۇرغاندىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن سوغاق ئۇرۇشى باشلانغان، بۇ سوغاق ئۇرۇش 40 يىل داۋام قىلغان بولسىمۇ، كاسترو كۇبادا دېكتاتورلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. سىياسىي ئەركىنلىك ئىزدىگۈچىلەرنى قاتتىق جازالاپ، كۇبادا دېموكراتىيىنىڭ باش كۆتۈرۈشىنى قاتتىق چەكلەپ كەلگەن.

ئافرىقىدىكى بەش دۆلەتكە قاراتقان زىيارىتىنىڭ ئۈچىنچى بېكىتى رىۋانداغا كەلگەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، بۈگۈن، فىدرال كاسترونىڭ دۆلەت رەئىسلىكىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلىپ،"كاسترونىڭ ئىستىپا بېرىشى كۇبادا دېموكراتىيىنىڭ ئىشقا ئېشىشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇشى كېرەك دەپ ئويلايمەن، كۇبا خەلقى ئېتىقادى سەۋەبلىك تۈرمىگە سولانغان خەلق، كۇبا خەلقى ئەركىن جەمئىيەتتە ياشاش ھوقوقىدىن مەھرۇم قىلىنغان خەلق " دېگەن. (گۈلچېھرە)