ئامېرىكا تاشقىي ئىشلارمىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، جۈمە كۈنى شىمالىي ئىراقتىكى كۇردىستان رايونىنىڭ مەركىزى ئەربىلدە كۇردىستان پرېزىدېنتى مەسئۇد بارزانى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
رايىسنىڭ كۈردىستان زىيارىتى ئىراقتىكى ئېتنىك، دىنىي ۋە سىياسىي گۇرۇھلار ئارىسىدا مەۋجۈت ئىختىلاپلارنى يۇمشىتىپ، قىرغىنچىلىققا خاتىمە بېرىشنى مەقسەد قىلغان بۇ سەپىرىنىڭ بىر قىسىمى. مەسئۇد بارزانى شۇنى كۈنى رايىس بىلەن بىرگە ئۆتكۆزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، كۇردىستاننىڭ ئىراقتىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىللىق جاكالاش ئېھتىمالىنى چەتكە قاقتى. ئۇ، كۇردلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بار بولسىمۇ، لېكىن " فېدىرال، دېموكراتىك ۋە كۆپ خىللاشقان ئىراقنى" تەرەپ تۇتۇدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يېقىندىن بېرى باغدات ھۆكۈمىتى بىلەن كۇردىستان رايونى، شىمالىي ئىراقنىڭ نېفىت بايلىقى ۋە تۈركمەنلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان كەركۈك شەھىرىنىڭ ئورنى مەسىلىسىدە ئىختىلاپقا دۇچ كەلگەندىن كېيىن، بارزانى ئىراق فېدىراتسىيىسىنىڭ كۇردىستاندىكى دۆلەت بايراقلىرىنى ئېلىپ تاشلىغان. رايىس بارزانى بىلەن تۈركىيىگە قارشى شىمالىي ئىراقتا قوراللىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كۇردىستان ئىشچىلار پارتىيىسى پ ك ك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. ئامېرىكا تۈركىيىنىڭ پ ك ك مەسىلىسىدە بېسىمىغا ئۇچرىماقتا ئىدى.