ئىراقتىكى كۈرتلەر رايونىدا پارتلاش يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 50 كىشى قازا قىلدى


2005.05.04

چارشەنبە كۈنى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۈرتلەر ئولتۇراقلاشقان ئەربىل شەھىرىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 50 كىشى قازا قىلدى ھەمدە 150 تىن كۆپ كىشى يارىلاندى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋەقە بۇ يەردىكى بىر ساقچىلىققا قوبۇل قىلىش مەركىزىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، پارتلاش سادىر قىلغۇچى يالغاندىن ساقچىلىققا ئىلتىماس قىلىش نامى بىلەن بۇ مەركەزگە كىرگەن ھەتتا تىزىمغا ئالدۇرۇشقا كەلگەن باشقا ياشلار بىلەنمۇ سۆزلەشكەن. ئارقىدىنلا ئۇ ئۆزىدىكى بومبىنى پارتلاتقان.

يېقىنقى بىر نەچچە كۈننىڭ ئىچىدە ئىراقتا قارشىلىق ۋەقەلىرى بىر قەدەر كۆپ يۈز بەرگەن بولۇپ، تېخى بىر كۈننىڭ ئالدىدىلا ۋاقىتلىق ئىراق ھۆكۈمىتى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرىۋالغان ئىدى. ئىراق دائىرىلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بولۇپمۇ ئىراقتىدىكى ساقچىلار ۋە ساقچىلىققا ئىلتىماس قىلغۇچىلار قارشىلاشقۇچىلارنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم قىلىش نىشانى بولۇپ قالغان. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.