دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدە تەشكىلاتى ھەربىي خادىملىرى، ئوساما بىن لادىننىڭ ئافغانىستاننىڭ غەربىي رايونىدا يارىلانغانلىقى توغرىسىدا بەزى ئىسلام توربەتلىرىدە چىققان خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.
ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ باياناتچىسى پولكوۋنىڭ جېمىز يونتس ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى، بىن لادىن ئافغانىستاننىڭ ھىرات ئۆلكىسىدە ئىسپانىيە قىسىملىرى بىلەن يۈز بەرگەن بىر توقۇنۇشتا سول پۇتىدىن يارىلانغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى تەكشۈردى. لېكىن بۇ خەۋەرلەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ئېنىقلاندى، دېدى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدە تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى باياناتچىسى ئاندى ئەلمىسمۇ، بىن لادىننىڭ يارىلانغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلىپ، بۇ خەۋەرلەر پەقەت سۆز- چۆچەكتىن ئىبارەت، دېدى.
ئەمما ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ باياناتچىسى يۇنتىس، ئافغانىستاندىكى بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرى بىن لادىننى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدۇ. بىز ئۇنى تۇتۇپ ئادالەتكە تاپشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ھەرىكەت قىلىمىز، دېدى
نۇرغۇنلىغان ئانالىزچىلار، بىن لادىننىڭ ئافغانىستان- پاكىستان چېگرا رايونىدا يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىنلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا. (قانات)