11 - ئايدا، ۋېنسۇئىلا پرېزىدېنتى چاۋەس دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان 69 ماددىلىق تەكلىپ، 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئومۇم خەلق ئاۋاز قويۇش ئارقىلىق %51 ئاۋاز بىلەن رەت قىلىندى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭ بىلەن پرېزىدېنت چاۋەسنىڭ ئۆمۈرلۈك پرېزىدېنت بولۇش چۈشى بەربات بولدى. ئۆتكەن ئايدا، چاۋەس ئەپەندىنىڭ ۋېنسۇئىلانى سوتسىيالىستىك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش تەكلىپى خەلق تەرىپىدىن رەت قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە 69 ماددىلىق تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، پرېزىدېنتنىڭ ھوقۇقىنى چوڭايتىش، ئۆزىنى ئۆمۈرلۈك پرېزىدېنت قىلىشنى قانۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش 5 - دېكابىر كۈنى مۇخبىرلارغا 'ۋېنسۇئىلادا خەلق بىر ئادەم ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان تۈزۈم تىكلەشنى رەت قىلدى، دېموكراتىيە غەلىبە قىلدى. ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىن جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى چىڭىتىدۇ، ئامېرىكا -كولۇمبىيە ئەركىن تىجارەت كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىدۇ' دەپ جاكارلىدى. (ۋەلى)