گېرمانىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ "لاۋگەي" تۈزۈمىنى ئەيىبلەيدىغان قارار لاھىيىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
2007.05.11
گېرمانىيە فېدېرال پارلامېنتى پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى ئەيىبلەيدىغان بىر قارار لاھىيىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى قانۇنغا خىلاپ بولغان باستۇرۇش خاراكتېرلىك تۈزۈم، دەپ ئەيىپلەندى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا مەزكۇر قارار لاھىيىسى بۇ يىل 3 - ئايدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى خرىستيان دېموكراتلار ئىتتىپاقى، لىبېرال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزالىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. قارار لاھىيىسىدە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئىستىلىستىكىلىق مەلۇماتلىرى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتايدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىدا 200 مىڭ ئادەمنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى، بۇ كىشىلەرنىڭ ھەركۈنى ھەقسىز ئەمگەككە سېلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
قارا لاھىيىسىدە خىتاي تاۋارلىرىغا بەلگە سېلىپ، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىدا ئىشلەپ چىقىرىلغان توۋارلارنىڭ گېرمانىيە ۋە ياۋروپا بازىرىغا ئېقىپ كىرىشىدىن ساقلىنىشقا چاقىرغان. قارار لاھىيىسىدە يەنە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن خىتاينىڭ ئۆكتىچى زاتلارغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەش تەلەپ قىلىندى.
قارار لاھىيىسى پەيشەنبە كۈنى ئاۋازغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، خىتاينىڭ گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى يازما شەكىلدە نوتا تاپشۇرۇپ، بۇ قارار جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق، دەپ نارازىلىق بىلدۈردى. (ئەركىن)