ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى چارشەنبە كۈنى بىر قارار لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكىدىن بىر خىتاي پرىنسىپىدىن ۋاز كېچىپ، تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قارار لايىھىسىنى ئامېرىكا دىموكراتچىلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويغان. مەزكۇر قارار لايىھىسىنى تونۇشتۇرغان پارلامېنت ئەزاسى توم تانكىرە دو: "ئامېرىكا 'بىر خىتاي پىرىنسىپىئ نى بىكار قىلىشى كېرەك. چۈنكى بۇ پرىنسىپ تەيۋەننى خىتاينىڭ بىر قىسمى دەپ ئېتىراپ قىلغانلىق . تەيۋەن ئەركىن ، ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بىر دۆلەت" -دېگەن.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى بۇ قارار لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كىيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كۇڭ چۈئەن پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ: "ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ بۇ قارار لايىھىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىقچە ئارىلاشقانلىق. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ" دېدى.
ئامېرىكا 1979 - يىلى خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش بىلەن بىللە، تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن ئىدى. (ئارزۇ)