كوممۇنىستلار لېنىننى خاتىرىلىدى

رۇسىيىدىكى كوممۇنىستلار لېنىننى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇردى. تەخمىنەن 2000 ئەتراپىدا ئادەم يەكشەنبە كۈنى موسكۋادىكى قىزىل مەيدانغا جايلاشقان لېنىننىڭ جەسىتى ياتقان خاتىرە ئۆيىگە كىرىپ، لېنىننى يوقلىدى.

رۇسىيىنىڭ newsru.com تورىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 4-ئاينىڭ 22-كۈنى لېنىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 137 يىللىقى بولۇپ، رۇسىيە كوممۇنىستلار پارتىيىسى بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن مەزكۇر يوقلاش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان. بۇنىڭغا رۇسىيە كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى، ئەزالىرى ھەتتا بىر قىسىم ئۆسمۈرلەرمۇ قاتناشقان. ئۇلار قوللىرىغا قىزىل بايراق ۋە قىزىل گۈللەرنى كۆتۈرىۋېلىشقان ئىكەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ پائالىيەتكە رۇسىيە كومپارتىيىسىنىڭ باشچىسى ۋلادىمىر زۇگانوپ ئىشتىراك قىلمىغان.

لېنىننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا دۆلەت تەشكىللەيدىغان ئومۇمىي ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن سوۋېتنىڭ يىقىلىشى بىلەن بۇ قائىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىلگەن. ئەمما، كوممۇنىزىمنىڭ ئېتىقادچىلىرىنى بەرىبىر بۇنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋەرگەن.

ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، نوۋەتتە، لېنىننىڭ جەسىتىنى دەپنە قىلىۋېتىش مەسىلىسى ھەققىدە جىددىي تالاش-تارتىشلار داۋاملاشقان بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر لېنىننى ياتقان يېرىدىن ئېلىپ چىقىپ، دەپنە قىلىش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان شۇنىڭدەك رۇسىيە جەمىيىتىدە كىشىلەرنىڭ لېنىنغا بولغان تونۇشى كۆپىيىپ، ئۇنى 1918-1920-يىلىرى رۇسىيىگە بالايى-ئاپەت ئېلىپ كەلگەن، ئىچكى ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئارقىلىق مىليونلىغان رۇسىيىلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولغان دەپ ئەيىبلىمەكتە. (ئۈمىدۋار).