تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى لى دىڭخۈينىڭ ئامېرىكا زىيارىتى خىتاينىڭ غەزىپىنى قوزغىدى
2005.10.20
تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقنى ياقلايدىغان سابىق پرېزىدېنتى لى دىڭخۈي چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر زىياپەتتە نۇتۇق سۆزلەپ، كومپارتىيە ھاكىممۇتلەقلىغىدىكى خىتاينىڭ دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
لى دىڭخۈي سۆزىدە، "دېموكراتىيە بىلەن ئەركىنلىك، تەيۋەن ۋە ئامېرىكا ئورتاق قوغلىشىۋاتقان غايە. ھالبۇكى خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى ئاسىيادىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان زۆرۈر ئامىل" دەپ بىلدۈردى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ باشچىلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ قېتىمقى لى دىڭخۈينى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا ئامېرىكىنىڭ ئىككى پالاتاسىنىڭ 20 دىن ئارتۇق ئەزاسى قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
ئۇلار خىتاي رەھبەرلىرىنى "مۇستەبىت ھۆكۈمدارلار" دەپ ئاتاپ، لى دىڭخۈينى تەيۋەننىڭ " دېموكراتىيە پېشۋاسى" دەپ تەرىپلىدى. كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان قىسمەن پالاتا ئەزالىرى، تەيۋەننىڭ خەلقئارا ئورگانلارغا قاتنىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لى دىڭخۈينىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ، تەيۋەن خىتاينىڭ قوراللىق ھوجۇمىغا ئۇچرىغان ئەھۋالدا ئامېرىكىنى تەيۋەننى قوغداشقا چاقىرىش ئىدى.
لى دىڭخۈينىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا سەپىرى ۋە دۆلەت مەجلىسىدە سۆزلىگەن نۇتۇقىغا قارىتا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ،لى دىڭخۈينى چاتاق چىقارغۇچى دەپ ئاتاپ، ئۇنى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر ئەزاسى پرېزىدېنت بۇشقا تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدە خەت يازدى
- ئامېرىكا تەيۋەنگە سېتىپ بەرگەن ئۇرۇش پاراخوتىنى بۇ يىل يەتكۈزمەكچى
- پېن تاگون: خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىشى تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ
- ئامېرىكا تەيۋەندىكى ئەڭ يۇقىرى دىپلوماتىنى ئالماشتۇرماقچى
- ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بىل كلىنتون تەيۋەننى زىيارەت قىلدى