تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى لى دىڭخۈينىڭ ئامېرىكا زىيارىتى خىتاينىڭ غەزىپىنى ‎قوزغىدى

‎ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقنى ياقلايدىغان سابىق پرېزىدېنتى لى دىڭخۈي چارشەنبە كۈنى ‎ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر زىياپەتتە نۇتۇق سۆزلەپ، كومپارتىيە ‎ھاكىممۇتلەقلىغىدىكى خىتاينىڭ دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.‎

لى دىڭخۈي سۆزىدە، "دېموكراتىيە بىلەن ئەركىنلىك، تەيۋەن ۋە ئامېرىكا ئورتاق ‎قوغلىشىۋاتقان غايە. ھالبۇكى خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى ئاسىيادىكى توقۇنۇشلارنىڭ ‎ئالدىنى ئالىدىغان زۆرۈر ئامىل" دەپ بىلدۈردى. ‎

‎ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ باشچىلىقىدا ‎ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ قېتىمقى لى دىڭخۈينى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا ئامېرىكىنىڭ ئىككى ‎پالاتاسىنىڭ 20 دىن ئارتۇق ئەزاسى قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ‎

‎ ئۇلار خىتاي رەھبەرلىرىنى "مۇستەبىت ھۆكۈمدارلار" دەپ ئاتاپ، لى دىڭخۈينى تەيۋەننىڭ ‎‎" دېموكراتىيە پېشۋاسى" دەپ تەرىپلىدى. كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان قىسمەن پالاتا ‎ئەزالىرى، تەيۋەننىڭ خەلقئارا ئورگانلارغا قاتنىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ‎

‎ لى دىڭخۈينىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ، تەيۋەن خىتاينىڭ ‎قوراللىق ھوجۇمىغا ئۇچرىغان ئەھۋالدا ئامېرىكىنى تەيۋەننى قوغداشقا چاقىرىش ئىدى. ‎

‎ لى دىڭخۈينىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا سەپىرى ۋە دۆلەت مەجلىسىدە سۆزلىگەن نۇتۇقىغا قارىتا، ‎خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ،لى دىڭخۈينى چاتاق ‎چىقارغۇچى دەپ ئاتاپ، ئۇنى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ دەپ ‎ئەيىبلىدى. (ئارزۇ)‎