ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى، سۈرىيە قوشۇنلىرىنىڭ لىۋاندىكى ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىپ، لىۋان مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتى كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى مىككىلىلاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭەشىدىكى دۆلەتلەر بىلەن سۈرىيىنىڭ لىۋاندىكى ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىش شۇنداقلا خارىرىنىڭ قاتىلىنى جازالاش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.
بۇ ئارىدا ئامېرىكا سۈرىيىدىكى باش ئەلچىسىنى ۋاشىنگتونغا چاقىرتىپ، سابىق لىۋان باش مىنىستىرى خارىرىنىڭ ئۆلۈمىنى شۇنداقلا لىۋاندا قايتىدىن ئىچكى ئۇرۇش پارتلاش ئىھتىماللىقىنىڭ بار - يوقلىقىنى سۈرۈشتۈرگەن. ئامېرىكىنىڭ سۈرىيىدىكى باش ئەلچىسى مارگارېت سكوبېي،دەمەشقتىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى سۈرىيە دائىرىلىرىگە ئامېرىكىنىڭ خارىرىنىڭ ئۆلۈمىگە جىددى قاراۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خېتىنى تاپشۇرغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى رىچارد باۋچېر، سۈرىيىنى بىۋاستە تەنقىد قىلمىدى. بىراق ئۇ، "دۈشەنبە كۈنكى پارتلاش سۈرىيىنىڭ لىۋاندىكى ئىچكى بىخەتەرلىكنى سەۋەپ قىلىپ لىۋاندا قوشۇن تۇرغۇزۇشىغا گۇمان تۇغدۇردى" دەپ كۆرسەتتى.
ب د ت باش كاتىپى كوفى ئاننان سۈرىيە پرېزىدېنتى باشار ئەسئەدكە خەت يېزىپ، سۈرىيىدىن لىۋاندىكى قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان. ب ب س خەۋەر قىلىشىچە، دۈشەنبە كۈنى بېيرۇتتىكى پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەن سابىق لىۋان باش مىنىستىرى خارىرى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. (ئەركىن)