لىۋاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى رەفىق خارىرى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولىزا رايس چارشەنبە كۈنى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى لىۋاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا ئاگاھلاندۇردى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ سۈرىيىگە قارىتا يېڭىدىن بىر دىپلوماتىك جازا يۈرگۈزۈش ئېھتىماللىقىنىڭمۇ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.
رايس سۆزىدە يەنە، گەرچە ئامېرىكا سۈرىيىنى خارىرىنىڭ ۋاپاتى بىلەن بىۋاستە ئەيىپلىمىسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەقەنىڭ، سۈرىيە قوشۇنىنىڭ لىۋاندا داۋاملىق تۇرۇشى نەتىجىسىدە، بۇ رايوننىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە، ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتە بۇ ۋەقەگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە سۈرىيىگە قانداق دىپلوماتىك جازا يۈرگۈزۈش ھەققىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن مۇزاكىرىلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۇ ئارىدا، لىۋان پايتەختى بېيرۇتتا رەفىق خارىرىنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغا نەچچە يۈز مىڭلىغان لىۋان خەلقى قاتناشتى. ئۇلار بىر تەرەپتىن خارىرىنىڭ ۋاپاتىغا قاتتىق قايغۇرسا يەنە بىر تەرەپتىن سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە غەزەپلىنىپ، "ئىتلىرىڭلارنى بېيرۇتتىن ئېلىپ چىقىڭلار" دەپ توۋلاشتى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە لىۋاندا سۈرىيىنىڭ 15 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى تۇرىۋاتقان بولۇپ، بۇ ۋەقەدىن كېيىن ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش سېكرىتارى كوفى ئاننانمۇ سۈرىيىنى لىۋاندىن قوشۇن چېكىندۈرۈشكە چاقىرغان. نۆۋەتتە سۈرىيە ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە خەلقئارا جامائەتنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىماقتا. (پەرىدە)