سۈرىيە لىۋاندىكى قوشۇنىنى 5 - ئايغىچە چېكىندۈرۈپ چىقماقچى

سۈرىيەپەرەس لىۋان پرېزىدېنتى ئەمىل لاخود چارشەنبە كۈنى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ھۆكۈمەتنى قايتا تەشكىللەش مەسلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پارلامېنت ئەزالىرى پرېزىدېنتقا، لىۋاندىكى سۈرىيىگە قارشى ئۆكتىچىلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن ئومار كارامىنى قايتۇرۇپ كېلىش تەكلىپىنى بەرگەن. بۇ ئەلۋەتتە لىۋاندىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ.

بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، سۈرىيە ئارمىيىسى لىۋاننىڭ شەرقىدىكى قوشۇنلىرىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىدى. بۇ ئۇلارنىڭ لىۋاندىن چېكىنىپ چىقىشىدىكى بىرىنچى باسقۇچ ئىدى.

سەيشەنبە كۈنى سۈرىيىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇستافا سۈرىيىنىڭ لىۋاندىكى قوشۇنلىرىنى 5 - ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان لىۋان پارلامېنت سايلىمىدىن بۇرۇن چېكىندۈرۈپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن ئاۋال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۈرىيىنىڭ لىۋاندىكى قوشۇنىنى چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

فېۋرال ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلانغان سۈرىيىگە قارشى كۈچلەرنىڭ نامايىشى داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە، سەيشەنبە كۈنى لىۋاندىكى سۈرىيىنى قوللايدىغان نەچچە يۈز مىڭ كىشى نامايىش ئۆتكۈزدى. شۇنداقلا بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ كۆلىمى سۈرىيىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلاردىنمۇ چوڭ بولغان. (پەرىدە)