لىۋاندا ھېزبۇللانىڭ قوللىغۇچىلىرى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئېلىپ باردى

لىۋاندىكى شىئەلەر رەھبەرلىكىدىكى ھىزبۇللا پارتىيىسىنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئۆكتىچىلەر -10 دېكابىر كۈنى بېيرۇتتا ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ باردى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۆكتىچىلەر، 1 - دىكابىردىن باشلاپلا بېيرۇتنىڭ چوڭ كوچىلىرىدا بازىلارنى قۇرۇپ لىۋاننىڭ بۇ سىياسىي مەركىزىنى پالەچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان بولۇپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ مەقسىتى غەربنىڭ قوللىشىدىكى ھازىرقى ھۆكۈمەتنى ئۆرۈپ تاشلاش ئىكەن.

گەرچە ئۆكتىچىلەر ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشمىغىچە قارشىلىقنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ ئەمما سۈننىيلەر رەھبەرلىكىدىكى لىۋان ھازىرقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۆكتىچىلەرنىڭ تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلمىدى. شۇنداقلا ھىزبۇللا پارتىيىسىنىڭ سىياسىي ئۈزگۈزۈش ئېلىپ بېرىش ھەققىدە تەھدىت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا ھىزبۇللا پارتىيىسى ئىسرائىلىيىگە قارشى 34 كۈنلۈك ئۇرۇش قوزغىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. بەزى كۈزەتكۈچىلەر ئەگەر بېيرۇتنىڭ ۋەزىيىتى مۇشۇنداق داۋام قىلسا زوراۋانلىق توپىلاڭنىڭ كېلىپ چېقىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە. (گۈلچېھرە)