ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى لىۋاننى قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە ياردەم كۆرسىتىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا بىلەن فرانسىيە تەرەپ پەيشەنبە كۈنى، 1 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرىپ قىلىپ، لىۋاننىڭ قايتا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياردەم كۆرسىتىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر قارار لىۋان ھەققىدە پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، يىغىنغا غەرب دۆلەتلىرى ھەمدە ئەرەپ دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىپ، لىۋاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە مۇزاكىرلەشكەن.

پارىژدا لىۋان مەسىلىلىرى توغرىسىدا يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن، نەچچە يۈزلىگەن لىۋانلىق لىۋان ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بارغان ئىدى. نامايىشتا ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلغۇچىلار بىلەن ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 3 ئادەم قازا قىلدى ۋە 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.

ئاللاھ پارتىيىسى يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان قارشىلىق كۆرسەتكۈچى تەشكىلات ئەزالىرى ئىش تاشلاپ ۋە نامايىش قوزغاپ، ھۆكۈمەتنىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ئىتتىپاقداشلىق ئورناتقانلىقىغا نارازلىق بىلدۈردى شۇنىڭدەك ئۇلار يەنە مىنىستىر سىنىيرانىڭ تەخىتتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلدى.

لىۋاننى قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە، ئامېرىكا بىلەن فرانسىيە باشقا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىسادىي جەھەتتىن زور مىقداردا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەقىدە)