لىۋاندا توقۇنۇش يۈز بەردى

لىۋاندا ھۆكۈمەت قوشۇنلىرى بىلەن ئەسەبىي ئۇنسۇرلار ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى. لىۋان ئاخبارات دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ توقۇنۇش يەكشەنبە كۈنى لىۋاننىڭ شىمالىدىكى پورت شەھىرى ترىپولىدىكى بىر پەلەستىن مۇساپىرلار لاگېرى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئاز دېگەندە 30 نەچچە ئادەم ئۆلگەن.

بۇ قېتىمقى توقۇنۇشنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە ھەر خىل قاراش بار، لېكىن ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ترىپولىنىڭ شىمالىدىكى پەلەستىن مۇساپىرلار لاگېرىغا خەلقئارالىق كېلىشىم بويىچە لىۋان ئارمىيىسىنىڭ كىرىشى چەكلەنگەن بولسىمۇ، بىراق بىخەتەرلىك دائىرىلىرى بانكا بۇلىغان بىر بۇلاڭچىلارنىڭ بۇ يەرگە يوشۇرۇنغانلىقى سەۋەبى بىلەن ئۇلارنى ئىزدەش ئۈچۈن لاگېرغا كىرگەندە مەزكۇر توقۇنۇش كېلىپ چىققان. سۈرىيە ۋەقەدىن كېيىن لىۋان بىلەن بولغان ئىككى چېگرا ئۆتكىلىنى تاقىۋەتكەن.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر ۋەقە لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى ئۇرۇش توختاپ، تىنچلىق ئورنىتىلغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. (ئۈمىدۋار)