لىۋان ھۆكۈمەت قوشۇنى بىلەن ئىسلامىي كۈچلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
2007.09.02
لىۋان ھەربىي دائىرىلىرى يەكشەنبە كۈنى لىۋاننىڭ تىرىپولى شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى پەلەستىن مۇساپىرلىرى لاگېرى ئەتراپىدا لىۋان ھۆكۈمەت قوشۇنلىرى بىلەن بۇ جايغا يوشۇرۇنغان پەلەستىن فاتاھ تەشكىلاتىنىڭ قوراللىق گۇرۇپپىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە ئىككى تەرەپتىن 20 نەچچە ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
بۇ يەردىكى 100 دىن ئارتۇق فاتاھ ئىسلامىي تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى مەزكۇر مۇساپىرلار لاگېرىدىن ئايرىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان بولۇپ، نەتىجىدە توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ، يەتتە نەپەر فاتاھ ئەزاسى تۇتۇلغان 20 نەچچە نەپىرى ئۆلگەن، لىۋان تەرەپتىن ئىككى ئادەم چىقىم بولغان. بۇ يەردە ھازىر 100 دىن ئارتۇق قوراللىق فاتاھ تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بار بولۇپ، تۇنجى جەڭ 5-ئايدا پارتلىغاندىن كېيىن لىۋان ئارمىيىسى ئۇلارنى قورال تاشلاشقا قىستاپ قورشىۋالغان ئىدى.
لىۋاندىكى مەزكۇر پەلەستىن مۇساپىرلار لاگېرىدا 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بار بولۇپ، بۇ جاي ئەمەلىيەتتە، پەلەستىن ئىسلامىي گۇرۇپپىلارنىڭ تەربىيىلىنىش مەركىزىگە ئايلىنىپ قالغان ئىكەن. لىۋان -ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، لىۋان ھۆكۈمىتى بۇ جاينى تازىلاشنى قارار قىلغان بولۇپ، پەلەستىن ئىسلامىي گۇرۇپپىلىرى بىلەن لىۋان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئىككى تەرەپتىن 300 گە يېقىن ئادەمنىڭ ئۆلۈشى كېلىپ چىققان. نۆۋەتتە، مۇساپىرلارنىڭ زور كۆپچىلىكى لاگېردىن قېچىپ كەتكەن بولۇپ، قوراللىق گۇرۇپپىلار داۋاملىق قورال تاشلاشنى رەت قىلغان.( ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىراقتىكى ۋەزىيەت يەنىلا جىددى ھالەتتە تۇرماقتا
- ئامېرىكىنىڭ جەڭچى روباتلىرى ئىراقتا ئۇرۇشقا قاتناشماقتا
- خىتاي : ئىراقتا بايقالغان خىتاي قوراللىرى ھەققىدە ئىنكاس بىلدۈردى
- ئوتتۇرا شەرق تېنچلىق مەسىلىسى خادىملىرى تېنچلىق ۋەكىلى بىلايېر بىلەن ئۇچراشتى
- جورج بۇش خەلقئارا يىغىن چاقىرىپ ئوتتۇرا شەرقنىڭ تېنچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى
- ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى 250 تۇتقۇننى قويۇپ بېرىدۇ
- ئافغانىستاندا 45 پۇقرا ھاۋا ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن ئۆلدى
- ئىراق ۋە ئافغانىستانلاردا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا
- پەلەستىن يېڭى ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى