سۈرىيە پرېزىدېنتى باشار ئەسئەد بىلەن لىۋان پرېزىدېنتى ئەمىل لاھۇد دۈشەنبە كۈنى دەمەشقتە ئۇچرىشىپ، لىۋاندىكى سۈرىيە قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈشنى 3 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە تاماملاش مەسىلىسى بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلدى.
قوشۇن چېكىندۈرۈش پىلانى بويىچە لىۋان پايتەختى بېيرۇت ئەتراپىدىكى 5 مىڭ كىشىلىك سۈرىيە قوشۇنى دەسلەپكى قەدەمدە چېكىندۈرۈلىدىكەن. بىراق قالغان 14 مىڭ كىشىلىك سۈرىيە قوشۇنىنىڭ قاچان چېكىنىدىغانلىقى تېخى ئېنىقلانمىغان. فرانسىيە، گېرمانىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان شۇنداقلا ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر، سۈرىيىنىڭ لىۋاندىكى قوشۇنلىرىنى دەرھال چېكىندۈرۈشىنى تەلەپ قىلماقتا. باشار ئەسئەد بىلەن ئەمىل لاھۇد، دۈشەنبە كۈنى قوشۇن چېكىندۈرۈش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلغان.
ئۇلار قوشۇن چېكىندۈرۈش توغرىسىدىكى قوشما باياناتىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر خىل رىقابەتلەرگە قارشى داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئامما ئامېرىكا، فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر، قوشۇن چېكىندۈرۈش پىلانى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىيامىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى، بېيرۇت ئەتراپىدىكى سۈرىيە قىسىملىرىنىڭ يۈك - تاقلىرىنى يىغىشتۇرۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. دۈشەنبە كۈنى بېيرۇتتىكى شېھىتلەر مەيدانىدا سۈرىيىگە قارشى نەچچە ئون مىڭ كىشىلىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈلگەن. بىراق قوشۇن چېكىندۈرۈش قارارى لىۋاندىكى سۈرىيەپەرەس ھىزبۇللا پارتىزانلار ھەرىكىتىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى. ھىزبۇللا سەيشەنبە كۈنى قوشۇن چېكىندۈرۈشكە قارشى كەڭ -كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. (ئەركىن)