خىتاي ھۆكۈمىتى، لىۋىيىنىڭ چىن شۈيبيەننى لىۋىيىگە تەكلىپ قىلغانلىقىدىن ئەندىشىلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى

خىتاي ھۆكۈمىتى، لىۋىيىنىڭ رەھبىرى مۇئەممەر كازافىنىڭ، تەيۇەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەننى لىۋىيىگە تەكلىپ قىلغانلىقىدىن ئەندىشىلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

روېترىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەن 18 - يانۋار كۈنى لىۋىيىنىڭ رەھبىرى كازافىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوڭ چۈەن بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، چىن شۈيبيەننىڭ لىۋىيىنى زىيارەت قىلىش ئېھتىماللىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەندىشىلەندۈرمەكتە. بىز بۇ زىيارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز،دېدى.

كۇڭ چۈەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئافرىقا قىتئەسىدە زىيارەتتە بولىۋاتقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ، لىۋىيە رەھبىرى كازافى بىلەن مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى، كازافى لىۋىيىنىڭ بىر خىتاي پرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى ئېيتقان .

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى تەرەپنىڭ سۈھبىتى جەريانىدا بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ھۆرمەت قىلىشنىڭ، تەيۋەن رەھبەرلىرىنىڭ زىيارىتى چەكلەش مەسىلسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا تەيۋەننى سىياسىي جەھەتتىن يالغۇز قالدۇرۇش ئۈچۈن ئافرىقا قىتئەسىدىكى دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتكەن.سىياسىي مۇلاھىزىچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لىۋىيە رەھبىرى كازافىنىڭ تەيۋەن پرېزدېنتى چىن شۈيبيەننى لىۋىيىگە تەكلىپ قىلغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقىدىكى دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىگە چوڭ بىرزەربە ھېسابلىنىدىكەن. (قانات)