ئەنگىلىيە ساقچىلىرى لوندوندا نورمال ھاياتنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تەشەببۇس قىلماقتا


2005.07.11

ئەنگىلىيە ساقچى دائىرىلىرى 7 - ئىيۇل يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، لوندون خەلقىنىڭ نورمال ھاياتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تەشەببۇس قىلدى.

ئەنگىلىيىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى، لوندون خەلقىنى ساراسىمىگە سېلىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى پۈتۈنلەي قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەندىن سىرت، لوندوندىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆيلىرىگە بېكىنىۋالغان، ھەتتا خىزمەت تاشلىغان.

ئەنگىلىيىنىڭ قاتناش ساقچى ئەمەلدارى ئەندىي تروتتېر، پۇقرالارنىڭ بۈگۈندىن ئېتىبارەن نورمال تۇرمۇشقا قايتىپ، خىزمەتكە چۈشۈپ، شەھەرگە كىرىشىنى تەشەببۇس قىلدى.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى توني بلەيېر، ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ، پارتلاش ھۇجۇمى دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ سەۋەنلىكىدىن مەيدانغا كەلدى دېگەن قارىشىنىڭ تامامەن خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

7 – ئىيۇل يۈز بەرگەن پارتلاشتا ھازىرغا قەدەر 49 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 31 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى، 700 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

خىتاينىڭ ئەنگىلىيىدە تۇرۇشلۇق ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، پارتلاشتا بىر خىتاي پۇقراسى يارىلانغان، بىر خىتاي ئايال پۇقراسى يوقاپ كەتكەن.

ئەنگىلىيە قاتناش ساقچى ئەمەلدارى ئەندي تروتتېر "ئەگەر، لوندونلۇقلار شەھەرگە كىرىپ خىزمەتكە چۈشمەي، نورمال ھاياتنى ئەسلىگە كەلتۈرمەيدىكەن، ئۇ ھالدا پارتلاش ھۇجۇمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلار ئۆز مەقسىتىگە يەتكەن بولىدۇ" دەپ كۆرسەتتى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.