لوندوندا ساقچىلار پەيشەنبە كۈنكى پارتلاش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى


2005.07.22

ئەنگىلىيە پايتەختى لوندوندا پەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن 4 يەردىكى پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن، ساقچىلار جۈمە كۈنى لوندون يەر ئاستى پويىزىدا گۇمانلىق بىر ئەر كىشىنى ئېتىپ تاشلىدى.

ئەنگىلىيە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يەر ئاستى پويىزىدا ئېتىپ تاشلانغان گۇمانلىق ئۇنسۇرنىڭ پەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەلىرى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بارىكەن.

ساقچىلار ئۆلگۈچىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاشقا تىرىشماقتا. ۋەقەنى ئۆز كۈچى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار گۇمانلىق ئۈنسۈرنىڭ ئارقىدىن قوغلاپ كېلىپ يەرگە ياتقۇزغاندىن كېيىن ئېتىپ تاشلىغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۆلگۈچىنىڭ ئۈستىگە بومبا تېڭىلغان بولۇشى مۇمكىن.

لوندوندا پەيشەنبە كۈنى ئىككى ھەپتىدىن بېرى ئىككىنچى قېتىم پارتلاش ۋەقەلىرى يۈز بەردى. ساقچىلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەمەلگە ئاشمىغان 4 يەردىكى پارتلاش ۋەقەسىدە بومبىنىڭ پىلىكى ئوت ئالغان، ئەمما پارتلاتقۇچ دورىسى پارتلىمىغان. ۋەقەدە ئادەم ئۆلمىدى، ئەمما ۋەقەنى پىلانلىغۇچىلار قېچىپ كەتكەن ئىدى. ساقچىلار جۈمە كۈنى ۋەقە سادىر قىلغۇچى ئۇنسۇرلارنىڭ رەسىمىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا لوندوندىكى 4 يەردە بايقالغان پارتلاتقۇچ بومبىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ۋە خىمىيىۋى تەركىبى، 7 - ئىيۇلدىكى پارتلاش ۋەقەسىدە ئىشلىتىلگەن بومبىلار بىلەن ئوخشاشكەن. 7 - ئىيۇلدا يۈز بەرگەن يەر ئاستى پويىز ۋە ئاپتوبۇسدىكى پارتلاش ۋەقەلىرىدە 56 ئادەم ئۆلگەن ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.