لوندوندىكى قەشقەر كوچىسى ھەققىدە پاراڭلار
2008.01.14
ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرى بۈيۈك بېرىتانىيە پايتەختى لوندون شەھىرىنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشسىڭىز، لوندوننىڭ شەھەر خەرىتىسىدە "قەشقەر كوچىسى" دېگەن بىر ئىسىمنى ئۇچراتسىڭىز ھەيران قالماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. يېقىندا ئەنگىلىيىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرى، لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەزىز ئىسا ئەپەندى ب ب س دا ماقالە يېزىپ، لوندوندىكى بىر كوچىنىڭ "قەشقەر كوچىسى" دەپ ئاتىلىپ قېلىش تارىخىنى چۆشەندۈردى.
قەشقەر كوچىسى لوندونغا قانداق كېلىپ قالدى ؟ ئەزىز ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، لوندوندىكى قەشقەر كوچىسى"بۈيۈك برىتانىيە ۋە رۇسىيىدىن ئىبارەت ئىككى ئىمپېرىيالىست كۈچنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى " كاتتا ئويۇن" دەپ ئاتالغان رىقابىتىنىڭ يالدامىسى ئىدى.
تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ ئەزىز ئىسا بىلەن ئۆتكۈزگەن " قەشقەر كوچىسى" ھەققىدىكى سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ 16 - نۆۋەتلىك سايلىمىنىڭ نەتىجىسى
- ئەنگىلىيە چېگرا ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ۋىزىسى ئۆتۈپ كەتكەن چەتئەللىكلەر ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى
- رابىيە قادىر خانىم لوندوندىكى پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتتى
- ئەنگىلىيە ئارمىيە رەھبەرلىرى ئەنگلىيىنىڭ ئىراقتىكى ئەنگىلىيە ھەربىي قىسىملىرىنى چىكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلىماقچى
- ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ئېكسپورت قىلغان ئاياق كىيىملىرىدىن باج ئېلىشنى قارار قىلدى
- ئەنگىلىيە لوندوندىكى پارتلاش دىلوسىغا چېتىشلىق دەپ 6 ئادەمنى قولغان ئالدى
- لوندون دائىرىلىرى خاتا ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن برازىلىيىدىن ئەپۇ سورىدى