لوندوندىكى پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانى 50 كە يەتتى


2005.07.08
BusRear200.jpg
تېررورچىلار تەرىپىدىن پارتلىتىلغان ئاپتوبۇز. AFP

ئەنگىلىيە دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى لوندوندا يۈز بەرگەن زەنجىرسىمان پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانى ئاز دېگەندە 50 كە يەتتى. دائىرىلەر، پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن يەر ئاستى پويىزىدا قېلىپ قالغان جەسەتلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە. لوندوندىكى ئۈچ يەر ئاستى پويىز بىلەن بىر ئاپتۇۋۇزدا يۈز بەرگەن جەمئىي تۆت يەردىكى پارتلاش ۋەقەسىدە 700 كىشى يارىلاندى. بۇنىڭ ئىچىدىكى 22 كىشىنى يارىسى ئېغىركەن.

ئەنگىلىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ۋەقە ئۈستىدىن كەڭ- كۆلەملىك تەكشۈرۈشنى باشلىغان. لوندون ساقچى ئىدارىسىدىكى دائىرىلەر، ۋەقەنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتىلتىش ئىكەنلىكىنى چەتكە قاقمايمىز، دېدى. ئەمما ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، ھازىرغا قەدەر بۇنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت تېپىلمىغان.

ئەنگىلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كلارىك، ۋەقەنى ئىسلامچى قوراللىق ئۇنسۇرلار پەيدا قىلغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، "جوڭگو ھۆكۈمىتى ھەر قانداق شەكىلدىكى تېررورىزىمغا قارشى تۇرىدۇ"، دەپ تەكىتلىگەن. بۇ ئارىدا ئەنگىلىيىنىڭ گلېنئېگىلىز بازىرىدا ئېچىلىۋاتقان 8 باشلىقلار يىغىنى ئافرىقىغا 50 مىليارد، پەلەستىنگە 3 مىليارد دوللار ياردەم بېرىش پىلانىنى ماقۇللىدى. ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى تونىي بلايىر، "بىز تېرورىزىمنىڭ كۆلەڭگۈسى ئاستىدا سۆزلىشىۋاتىمىز. ئەمما بۇ بىزنىڭ نەتىجە قازىنىشىمىزغا توسالغۇ بولالمايدۇ،" دېدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.