لوندوندىكى پارتلاش ۋەقەسىنى سادىر قىلغۇچى گۇماندارلار ئەنگىلىيە گراژدانى
2005.07.13
ئەنگىلىيە دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەنگىلىيە پايتەختى لوندوندا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئەنگىلىيە تەۋەلىكىدىكى مۇسۇلمان ياشلار ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ئۈچى ئەنگىلىيە تەۋەلىكىدىكى پاكىستانلىقلار بولۇپ، ساقچىلار ۋەقە سادىر قىلغان 4 كىشىنىڭ ئۈچى پارتلاش جەريانىدا ئۆلگەنلىكىنى مۇقىملاشتۇردى. 4 - كىشىنىڭ پارتلاش جەريانىدا ئۆلگەن ياكى ھازىرغىچە ھايات ئىكەنلىكى تېخى مۇقىملاشمىغان. گۇمانلىق ئۇنسۇرلارنىڭ قورامى 19 ياشدىن 30 ياشلارغىچە بولۇپ، يەر ئاستى پويىز ئىستانسىسىدىكى سىنئالغۇ ئاپپاراتى ئۇلارنىڭ پويىزغا ئولتۇرغان چاغدىكى ئەھۋالىنى رەسىمغا ئېلىۋالغان.
ۋەقە سادىر قىلغۇچىلار ئەنگىلىيىدە تۇغۇلغان شۇنداقلا ئەنگىلىيە تەۋەلىكىدىكى مۇسۇلمان ياشلار ئىكەنلىكى كىشىلەرنى چۆچىتمەكتە. ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى تونىي بلايىر، لوندوندىكى پارتلاش ۋەقەسىنى يالغۇز سىياسى دىلو ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى. بلايىرنىڭ تەكىتلىشىچە، ۋەقەنى ئەسەبىي ۋە رەزىل بىر ئىدېئولوگىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنىڭ مەنبەئەسى ئىسلامنىڭ بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈلگەنلىكى ئىكەن.
تونىي بلايىر، ئەنگىلىيىدىكى مۇسۇلمان جامائېتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بۇ توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردى. ئەنگىلىيە مۇسۇلمانلار كېڭىشى ۋەقەدىن چۆچىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. دائىرىلەر، تەكشۈرۈش نىشانىنى پارتلاش ۋەقەسى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ئارقىسىدا كىملەرنىڭ بارلىقىغا قاراتتى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئەنگىلىيە ساقچىلىرى لوندوندا نورمال ھاياتنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تەشەببۇس قىلماقتا
- ئەنگىلىيە ساقچىلىرى پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن 3 كىشىنى قولغا ئالدى
- لوندوندىكى پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانى 50 كە يەتتى
- ئەنگىلىيىنىڭ پايتەختى لوندوندا يۈز بەرگەن پارتلاشلاردا نۇرغۇن كىشى ئۆلدى ۋە يارىلاندى
- ئىراقتا يەنە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىق پارتلاشلار يۈز بەردى