لوندون دائىرىلىرى خاتا ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن برازىلىيىدىن ئەپۇ سورىدى


2005.07.24

ئەنگلىيىنىڭ ب ب س ئا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، جۈمە كۈنى ئەتىگەندە لوندون شەھىرىدىكى يەر ئاستى پويىز ئىستانسىسىدا تېررورلۇق بىلەن گۇمان قىلىنىپ، ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئادەمنىڭ ئۇقۇشماسلىقتىن سادىر بولغان خاتا ئۆلتۈرۈشكە دۇچ كەلگەنلىكى پاش بولغان. ئۆلگۈچى 27 ياشلىق برازىلىيىلىك ئېلېكتىر ئىشچىسى جان چارلىز بولۇپ، ئۇ ئەتىگەندە خىزمەتكە ماڭغاندا ساقچىلار ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن پارتلاتقۇچ بومبا ئېلىپ ماڭغانلىقىدىن گۇمان قىلىپ، ئۇنى توختاتماقچى بولغان، بىراق ئۇ ساقچىلار بىلەن ھەمكارلاشماي قاچقان. نەتىجىدە نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلانغان ئىكەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن برازىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېلسو ئامورىم لوندونغا يېتىپ كېلىپ، لوندون دائىرىلىرىدىن بۇ ۋەقەنى تەپسىلىي ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلغان. لوندون ساقچى دائىرىلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق برازىلىيىلىك ئۆلگۈچى ئۈستىدىن دەسلەپ چىقارغان " پارتلىتىش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك" دېگەن يەكۈننى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىن ئەپۇ سورىغان. بىراق، ئۆلگۈچىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، پەقەت ئاغزاكى ئەپۇ سوراشنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، تۆلەم تۆلۈنىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.