ئەنگىلىيە لوندوندىكى پارتلاش دىلوسىغا چېتىشلىق دەپ 6 ئادەمنى قولغان ئالدى
2005.07.31
ئەنگىلىيە ساقچى دائىرىلىرى يەكشەنبە كۈنى، ئەنگىلىيىنىڭ جەنۇبىدا 6 ئادەمنى، 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى لوندون قاتناش ۋاستىلىرىدا ئېلىپ بارماقچى بولغان، ئەمما ئەمەلگە ئاشمىغان پارتلىتىش دىلوسىغا چېتىشلىق دەپ گۇمانلىنىپ قولغا ئالدى.
بۇنىڭدىن سىرت، ئەنگىلىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررور گۇماندارى ئوسمان ھۇسەيىن، رىمدا ئىتالىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىش بىلەن بىرگە، ئىتالىيىنىڭ شىمالىدا مەزكۇر دىلوغا چېتىشلىق يەنە بىر ئەنگىلىيىلىك قولغا ئېلىنغان.
ئېفىئوپىيىدە تۇغۇلغان 27 ياشلىق ئوسمان ھۇسەيىن، ئەنگىلىيە پۇقراسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ھامدى ئىساق ئىكەن، ئۇ ئىتالىيە ساقچىلىرىدىن، ئۆزىنىڭ ئەنگىلىيە ساقچىلىرىغا تاپشۇرۇلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، گەرچە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدا تۈزۈلگەن تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش توختامنامىسىدا، جىنايەتچىنىڭ دەرھال تەۋە بولغان دۆلەتكە قايتۇرۇلۇشى بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما 7 - ئىيۇل لوندوندا يۈز بەرگەن پارتلاشتا بىر ئىتالىيىلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ئەگەر ئىتالىيە تەرەپ، ئەنگىلىيىلىك جىنايەتچىنى ئۆزى سوتلاشنى خالىسا، ئۇ ھالدا ئىتالىيە سوتى نۆۋەتتە ئۆز تەۋەلىكىدە قولغا ئېلىنغان بۇ جىنايەت گۇماندارلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدىكەن.
ئىتالىيە ساقچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، قولغا ئېلىنغان مەزكۇر تېررور گۇماندارى ئوسمان ھۇسەيىن، پارتلىتىش مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرالماي، ئىتالىيىگە قېچىپ كەلگەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكىدىكى ئىسلام دىنى ئۆلىمالىرى تېررورچىلىققا قارشى پەتىۋا چىقاردى
- لوندون دائىرىلىرى خاتا ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن برازىلىيىدىن ئەپۇ سورىدى
- مىسىردا پارتلاش يۈز بەردى
- لوندوندا ساقچىلار پەيشەنبە كۈنكى پارتلاش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى
- تونىي بلېير ئەنگلىيىدىكى ئىسلام دىنى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى