لوندۇندا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم ۋە پەن ساھەسىدىكى كەشپىياتلىرى ھەققىدە كۆرگەزمە ئېچىلدى


2008.03.01

ئەنگىلىيىنىڭ پايتەختى لوندوندا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم ۋە پەن ساھەسىدىكى ئىجاد ۋە كەشپىياتلىرى بۇ ساھەدە دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان ھەسسىسى ھەققىدە بىر كۆرگەزمە ئېچىلغان بولۇپ، كۆرگەزمىدە مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ 6‏- ئەسىر بىلەن 16‏- ئەسر ئارىسىدا ئىلىم ۋە پەن ساھەسىدىكى كەشپىيات ۋە ئىجادىيەتلىرىنىڭ نەمۇنىلىرى نامايىش قىلىنغان.

كۆرگەزمىدە ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ۋە جەنۇبىي ياۋروپادا ياشىغان مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، خېمىيە، جۇغراپىيە، تىببىي قاتارلىق ئىلىم ۋە پەن ساھەلىرىدىكى ئىجادىيەتلىرى ۋە بۇ ساھەدە ئوتتۇرىغا چىقارغان كەشپىياتلىرى، كۆرسىتىلگەن.

"1001 كەشپىيات" ناملىق بۇ كۆرگەزمە، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە، بولۇپمۇ يېڭى نەسىللەرگە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم ۋە پەن ساھەسىدىكى مىڭ يىللىق ئۇتۇقلىرى ۋە مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ ئىلىم ۋە پەننىڭ تەرەققىياتىدا دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان بىباھا ھەسسىسىنى تونۇشتۇرۇش ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئىسلام دىنىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ۋە بىرنەچچە خەلقئارالىق مۇسۇلمان تەشكىلاتىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ كۆرگەزمە ماي ئېيىغىچە داۋاملىشىدىكەن. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.