مالايسىيانىڭ ساياھەت مىنىستىرى ئۈرۈمچى بىلەن كۇئالالامپور ئوتتۇرىسىدا ساياھەتچىلەرنى كۆپەيتمەكچى
2007.06.27
مالايسىيانىڭ ساياھەت مىنىسىتىرى تېنكۇ ئادنان مەنسۇر ئەپەندى مالايسىيانىڭ ساياھەت ئاگېنتلىرى ۋە مۇخبىرلاردىن تەركىپ تاپقان 15 كىشىلىك ئۆمەكنى باشلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە نىڭشا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلغان.
مەنسۇر ئەپەندى زىيارەت جەريانىدا مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى ساياھەتنى تېخىمۇ كۆپەيتىشكە تىرىشقان. ئۇ ئۈرۈمچىدە قىلغان سۆزىدە، شىنجاڭدىن تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى مالايسىيانىڭ كۇئالالامپور ۋە باشقا شەھەرلىرىگە كېلىپ ساياھەت قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۆرەش مەخسۇت ئۇنىڭغا 'بايرام مەزگىللىرىدە شىنجاڭدىن 80 مىڭ ئادەم مالايسىياغا ساياھەتكە بېرىۋاتىدۇ، بۇ شىنجاڭغا كەلگەن مالايشىيا ساياھەتچىلىرىنىڭ سانىدىن كۆپ، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپىيىدۇ' دېگەن.
مەنسۇر ئەپەندى بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە نىڭشا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى بىلەن مالايشىيا مۇسۇلمانلىرى ئوتتۇرىسىدىمۇ ساياھەتنى كۆپەيتىشكىمۇ تىرىشقان. (ۋەلى)