ئامېرىكا قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازىسىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشقا تىرىشماقتا

قىرغىزىستانغا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى مەسىلىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس سۆھبەتكە بارغان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيت سەيشەنبە كۈنى ، بىشكەكتە قىرغىزىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن قىسقا سۆھبەتتە، ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ" ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازىسىنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى پۈتۈن تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش ئۈچۈن يەنىلا ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە " دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ ماناس رايونىغا جايلاشقان ھەربىي بازىسىدا ھازىرغىچە 1200 نەپەر ئەتراپىدا ئامېرىكا ئوفىتسېرلىرى بولۇپ ، بۇ بازا ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى قىسىملىرىغا ھاۋادىن ياردەم بېرىش مەقسىدىدە قۇرۇلغان.

قىرغىزىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارالغان ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ مەۋجۇتلىقى،خىتاي ۋە رۇسىيىنى بىئارام قىلىپ كەلگەن ئىدى ،بۇ ئىككى دۆلەت داۋاملىق تۈردە مەزكۈر بازىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

ماناس ھەربىي بازىسىدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ بىر قانچە قېتىم ۋەقە سادىر قىلىشى بىلەن ، بۇ بازىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ھەققىدىكى تالاش‏- تارتىشلار يەنىمۇ كۈچەيدى. ، قىرغىزىستاننىڭ بەزى دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى بۇ بازىنى بىكار قىلىپ ئامېرىكىنىڭ ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشى ھەققىدىكى تەلەپلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

2005 - يىلى بۇ بازىنىڭ ھەققى ئۈچۈن قىرغىزىستان ئامېرىكىدىن 20 مىليون دوللار ئالاتتى ،ئامېرىكا نۆۋەتتە مەزكۈر ھاۋا ئارمىيىسى بازىسىنىڭ ئىجارە ھەققى ئۈچۈن يىلىغا 150 مىليون دوللار تۆلەيدۇ.

ئامېرىكا ئىلگىرى قىرغىزىستانغا قوشنا بولغان ئۆزبېكىستاندىمۇ ھەربىي بازا قۇرغان ئىدى ، ئۆزبېكىستان كىشىلىك ھوقوق مەسىلىسى تۈپەيلى ئامېرىكىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراش سەۋەبى بىلەن 2005 - يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى چېكىندۈرگەن ئىدى. (گۈلچېھرە)