ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باۋچەر ئوتتۇرا ئاسىيانى زىيارەت قىلماقتا


2007.06.09

رىچارد باۋچەر، پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيىف بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى بىلەن بىخەتەرلىك، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە قىرغىزىستاندىكى سىياسىي ۋەزىيەت قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پرېزىدېنت باقيىف بىلەن ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادنان قارابايىف بىلەن كۆرۈشكەن رىچارد باۋچەر، بۇ قېتمقى زىيارىتى جەريانىدا، قىرغىزىستاندىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىدىكەن.

سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېغىننىڭ ھارپىسىدا قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلغانلىقىغا دىققەت تارتماقتا. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن سىياسىي مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتقان خىتاي ۋە رۇسىيە، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىگە، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى قىرغىزىستاندىن چىقىرىش ئۈچۈن بېسىم قىلماقتا.

لېكىن قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى، قىرغىزىستاننىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان قىرغىزىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى تاقاشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. ئەمما يېقىندا قىرغىزىستان پارلامېنتنىڭ ئالغان قارارى ۋە قىرغىزىستاندىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار تەرىپىدىن بىشكەكتىكى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئامېرىكىنىڭ ماناستىكى ھەربىي بازىسىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلار،قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئۈستىدىكى بېسىمنى تېخىمۇ كۆپەيتكەن.(ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.