پرېزىدېنت باقىيېف ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ قىرغىزىستاندىكى پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف، ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت پۈتۈنلەي توراقلاشقانغا قەدەر، قىرغىزىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسى پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك، دېگەن.

پرېزىدېنت باقىيېف، چارشەنبە كۈنى، قىرغىزىستان تېلېۋىزيىسىگە بەرگەن باياناتىدا، "گەرچە ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشىلانغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بۇ دۆلەتنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىقنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىش ئېھتىماللىقى بار. شۇڭا بۇنداق بىر ئېھتماللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قىرغىزىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى زۆرۈر" دېگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر دائىرىسىنىڭ كۈنسېرى كېڭىيىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان خىتاي ۋە رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىسىنى تاقاپ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى قىرغىزىستاندىن چىقىرىش ئۈچۈن، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلەتمەكتە. شۇنىڭدەك يېقىندا قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامىنت سايلىمى ھارپىسىدا، قىرغىزىستاندىكى ئامېرىكا بازىسى ۋە بۇ بازىنىڭ كېلەچىكى، سايلامغا قاتناشقان پارتىيىلەر ئارىسىدىكى مۇھىم مۇنازىرە تېمىلىرىنىڭ بېرى بولغان ۋە سايلامدا غەلىبە قىلىدىغان پارتىيىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىسىغا قارىتا قانداق بىر پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقى، نۇرغۇن دۆلەتلەر يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر مەسىلە ئىدى.

ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازىسى 2001‏ - يىلى ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ھارپىسىدا قۇرۇلغان ئىدى. قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەك شەھىرىنىڭ يېنىغا جايلاشقان ماناس ئايرودرۇمىدا قۇرۇلغان ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىسىغا 1500 ئەتراپىدا ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ئەزاسى دۆلەتلەرنىڭ ئەسكەرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر ھەربىي بازا ئافغانىستاندا تالىبان ۋە ئەلقائىدە قالدۇقلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەردە ھالقىلىق رول ئوينىماقتا. (ئەقىدە)