ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيە بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

18-ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيە بىرلىكتە، 27 مىڭ دىن ئارتۇق ئەسكەر قاتناشقان ھەربى مانېۋىر ئۆتكۈزدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مانېۋىرغا ئامېرىكا بىر ئاۋىئاماتكا ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇ ئامېرىكا- ئاۋسترالىيە قوشۇنلىرىنىڭ بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن، ئەڭ چوڭ مانېۋىر بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ مانېۋىرغا، ئامېرىكا 20 مىڭ ئەسكەر، 10 ئۇرۇش كېمىسى، ئاۋسترالىيە 7500 ئەسكەر، 20 ئۇرۇش كېمىسى قاتناشتۇغان ۋە جەمئىي 125 دانە ھەربىي ئايروپىلان ئىشقا سېلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئاراللارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كامارىينلار ۋە مۇسورىيانلار دەپ ئاتالغان ئويدۇرما دۈشمەنلەر بىلەن تۇتۇشۇپ, ئۆزلىرىنىڭ سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش، تىنچلىق ساقلاش ۋە ئىنسانىي ياردەم يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى سىنىغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن ئادمىرالى (دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى) دوگ كروۋدېر( Doug Crowder)، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋەتكە ۋە ئوخشاش قىممەت قارىشىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ھەم ئەشۇ مەنپەئەتلەرنىڭ ئىچىدە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: " شۇڭا، ئەگەر ھۆكۈمەتلىرىمىز بىزگە رايون خاراكتېرلىك بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا چاقىرىق قىلسا، ئارمىيىلىرىمىزنىڭ شۇنداق ۋەزىپىلەرنى تاماملىشى ئۈچۈن بىرلىكتە تەربىيىلىنىشى بەك مۇھىم."

بۇ مانېۋىر ئاۋسترالىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كۇۋىنسلەند( Queensland ،خانىش ماكانى ) شتاتىنىڭ روكخامپتوندا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ 7- ئاينىڭ 2- كۈنىگىچە داۋام ئېتىدۇ.

مانېۋىرىغا يەنە ياپونيىمۇ كۆزەتكۈچى قىسىم ئەۋەتىدىكەن. (جۈمە)