ئامېرىكا، تىنچ ئوكيان رايونىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى
2007.08.05
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىرغا تەييارلىنىۋاتقان بىر پەيىتتە، ئامېرىكا سەيشەنبە كۈنى تىنچ ئوكيان رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي مانېۋىر ئۈچۈن، گۇئام ئارىلى ئەتراپىغا ئەسكەر يېغىشقا باشلىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان بۇ ھەربىي مانېۋىرغا 22000 ئەسكەر، ئونلىغان ئۇرۇش پاراخوتى ۋە يۈزلىگەن ئۇرۇش ئايروپىلانى قاتنىشىدىكەن.
ئۆتكەن يىلى رايوندا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي مانېۋىر، شىمالىي كورىيە تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى سەۋەبىدىن رايوندا ۋەزىيەت كەسكەنلەشكەن بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مانېۋىرغا قاتنىشىۋاتقان ئىككى ھەربىي پاراخوتىنى، شىمالىي كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى كۈزۈتىش ئۈچۈن، كورىيە ئارىلى يېقىنىغا ئەۋەتكەن ئىدى.
ئامېرىكا ئارمىيىسى، ئۆتكەن يىلى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي مانېۋىرغا خىتاي، ھىندىستان، ياپونيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ھەربىي كۈزەتكۈچىلەر تەكلىپ قىلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر دېڭىز ئارمىيە گېنرالىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 10 كىشىلىك بىر ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتكەن ئىدى. لېكىن بۇ يىلقى مانىۋېرغا ھېچقانداق چەت دۆلەتتىن كۈزەتكۈچى تەكلىپ قىلىنمىغان.
ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى، بۇ ھەربىي مانېۋىرنىڭ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ھەمدە ھېچقانداق دۆلەتكە قارتىلمىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. ئەمما مانېۋىرنى تەشكىللىگەن ئامېرىكىنىڭ خاۋايىدىكى 519- ھاۋا ئارمىيە ئەترىتىنىڭ باش شتابىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مات لوفلىن بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا،": بۇ مانېۋىر ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دوست ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا، ئامېرىكىنىڭ رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە قانچىلىك كۆڭۈل بۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ" دېگەن. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- موڭغۇلىيىدە ئامېرىكا قاتارلىق توققۇز دۆلەت بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى باشلاندى
- ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر تەڭسىزلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەكتە
- خىتاي ئارمىيىسى ئۇيغۇر ئىلى ئارقىلىق رۇسىيىگە يېتىپ بېرىپ مانېۋىر تەييارلىقى كۆرمەكتە
- ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى پائۇلسون خىتاينى زىيارەت قىلدى
- ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارى: ئامېرىكا تەيۋەننى قوغداش ئىقتىدارىغا ئىگە
- قىرغىزىستان بىلەن ئامېرىكا 2008-يىلى ئامېرىكىدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ
- شاڭخەي ھەمكارلىقىنىڭ ھەربىي مانېۋىرغا تەييارلىق قىلىنماقتا
- ياپونىيىنىڭ "مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى"دا خىتاي ھەربىي كۈچىدىن ئاگاھ بولۇش تەكىتلەندى
- خىتاي - رۇسىيە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ تەييارلىقى پۈتكەن
- ئامېرىكا تاشقى مۇناسىۋەت پائالىيىتىنى كۈچەيتىشنى پىلانلىماقتا