شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئۈچىنچى قېتىملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنى ئۆتكۈزىدۇ


2007.08.07

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ " 2007 تىنچلىق بۇرچى" دەپ نام بېرىلگەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى 9 ‏- ئاۋغۇست رۇسىيىدە باشلىنىپ 17 - ئاۋغۇست ئاخىرلىشىدۇ .

مەزكۇر مانېۋىردا خىتاي بىلەن رۇسىيە ئاساسلىق رول ئالىدىغان بولۇپ ،نەچچە مىڭ نەپەر ئەسكەر ھەمدە 500 دىن ئارتۇق برونېۋىك مانېۋىرغا قاتناشتۇرۇلىدۇ.

بىر ھەپتە داۋام قىلماقچى بولغان بۇ ھەربىي مانېۋىرغا تاجىكىستان ھەمدە قىرغىزىستان ۋە قازاقىستانمۇ قىسىملارنى ئەۋەتكەن. بۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ‏-3 قېتىملىق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى ھېسابلىنىدۇ.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيىسىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە رۇسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە مۇئاۋىن قوماندانى ۋىلادىمېر ۋارتىنىسكوفنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە ، بۇ قېتىملىق ھەربىي مانېۋىرغا رۇسىيە ئاز دېگەندە 6000 ئەسكەر قاتناشتۇرغان .

خىتاي بولسا 1700 ئوفىتسېر ھەم ئەسكەر ۋە 46 ھەربىي ئايروپىلان ئەۋەتكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر ھەربىي مانېۋىر جەريانىدا يەنى14 - ئاۋغۇستتىن 18 - ئاۋغۇستقىچە رۇسىيە ، قىرغىزىستان ھەمدە قازاقىستانلاردا زىيارەتتە بولۇپ ھەربىي مانېۋىرنى كۈزدىن كەچۈرىدىكەن. شۇنداقلا شاڭخەي بىرلىكىنىڭ قىرغىزىستاندا ئېچىلىدىغان 7 - نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن مەخسۇس دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئۈچۈن قازاقىستانغا بارىدىكەن.

مەزكۇر ھەربىي مانېۋىردا ھەر قايسى دۆلەت ھەربىي قىسىملىرى تېررورچىلارنى بىتچىت قىلىش مەشىقلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ مانېۋىرنىڭ تەييارلىق باسقۇچى تاماملانغان . ب ب س نىڭ خەۋىرىدە ئەسكەرتىلىشىچە ، بەزى مۇلاھىزىچىلەر " شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا قارشى بىر رەقىپ ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى شاڭخەي بىرلىكى ئىچىدە بىر ھەربىي ئىتتىپاق مەۋجۇت، ئۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ " تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش" باھانىسىدە ئاسىياغا كېڭىيىشىنى توسۇشنى مەقسەت قىلغان " دەپ ئانالىز قىلماقتا. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.