شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەربىي مانېۋىرى رەسمىي باشلاندى


2007-08-09
Share

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى پەيشەنبە كۈنى، ئۇيغۇر ئېلىدە رەسمىي باشلاندى. خىتاي ۋە رۇسىيە ئارمىيىسى قاتناشقان " تېنچلىق بۇرچى 2007 " ناملىق ھەربىي مانېۋىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بېرى ئۆتكۈزۈلگەن 3 ‏- قېتىملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ھېسابلىنىدۇ.

9 ‏- ئاۋغۇستتىن 17 ‏- ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىغان مانېۋىر ئۇيغۇر ئېلىدە باشلىنىپ رۇسىيىنىڭ چېليابىنسكى ئوبلاستىدا ئاخىرلىشىدۇ. مانېۋىرغا رۇسىيىنىڭ 2000 ئەسكىرى ، 36 ئۇرۇشچى ۋە تىك ئۇچار ئايرۇپىلانى، خىتاينىڭ 1700 ئەسكىرى، 46 ئايرۇپىلانى بولۇپ، 6 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر قاتنىشىدۇ.

بۇ قېتىمقى مانېۋىرغا قازاقىستان، تاجىكىستان ئايرىم ‏- ئايرىم ھالدا ھەربىي قىسىملىرىنى قاتناشتۇرغاندىن سىرت، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانلارمۇ ئالاھىدە قىسىملىرىنى قاتناشتۇردى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا 6 دۆلەتنىڭ، ھەربىي شىتاب باشلىقلىرى پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە، تېررورلۇققا قارشى ھەربىي مانېۋىرنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى رۇسىيىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مەزكۈر بىرلەشمە مانېۋىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.

خۇ جىنتاۋ يەنە، 14 ‏- ئاۋغۇستتىن 18 ‏- ئاۋغۇستقىچە قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولۇش بىرگە، قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزىلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت