شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى پەيشەنبە كۈنى، ئۇيغۇر ئېلىدە رەسمىي باشلاندى. خىتاي ۋە رۇسىيە ئارمىيىسى قاتناشقان " تېنچلىق بۇرچى 2007 " ناملىق ھەربىي مانېۋىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بېرى ئۆتكۈزۈلگەن 3 - قېتىملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ھېسابلىنىدۇ.
9 - ئاۋغۇستتىن 17 - ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىغان مانېۋىر ئۇيغۇر ئېلىدە باشلىنىپ رۇسىيىنىڭ چېليابىنسكى ئوبلاستىدا ئاخىرلىشىدۇ. مانېۋىرغا رۇسىيىنىڭ 2000 ئەسكىرى ، 36 ئۇرۇشچى ۋە تىك ئۇچار ئايرۇپىلانى، خىتاينىڭ 1700 ئەسكىرى، 46 ئايرۇپىلانى بولۇپ، 6 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر قاتنىشىدۇ.
بۇ قېتىمقى مانېۋىرغا قازاقىستان، تاجىكىستان ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەربىي قىسىملىرىنى قاتناشتۇرغاندىن سىرت، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانلارمۇ ئالاھىدە قىسىملىرىنى قاتناشتۇردى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا 6 دۆلەتنىڭ، ھەربىي شىتاب باشلىقلىرى پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە، تېررورلۇققا قارشى ھەربىي مانېۋىرنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى رۇسىيىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مەزكۈر بىرلەشمە مانېۋىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.
خۇ جىنتاۋ يەنە، 14 - ئاۋغۇستتىن 18 - ئاۋغۇستقىچە قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولۇش بىرگە، قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزىلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ. (ئەقىدە)