شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ " تىنچلىق بۇرچى2007 " دەپ ئاتالغان ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى شەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ چىليابىنسكىي رايونىدا باشلاندى.
بۇ ھەربىي مانېۋىر، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرگە يەنى بۆلگۈنچىلىك، تېررورچىلىق ۋە ئەسەبىي دىنىي كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلەش ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
غەربلىك مۈتەخەسىسىسلەر، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكەت پىلانى ئىچىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋرۇ-ئاسىيا رايونلىرىدىكى پائالىيەت دائىرىسىنى تارايتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىككى ئاساسلىق يېتەكچىسىنىڭ بېرى بولغان رۇسىيىمۇ ئۆز پىلانىنى ئەمەل گە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. ئۇلار، رۇسىيىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكىنىڭ رايوندا تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
گەرچە، بەزى غەرب ۋە رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي مانېۋىرى ھەققىدە چىققان خەۋەرلەردە، غەرب دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىرى بارغانسىرى يىرىكلىشىۋاتقان رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننىڭ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى سىياسىي ۋە ھەربىي بىر ئىتتىپاققا ئايلاندۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەركىزى شاڭخەيدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى پان گۇۋاڭ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىر ھەربىي ئىتتىپاققا ئايلانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئۆمەر قانات)