بەش دۆلەت يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي مانېۋىرنىڭ خىتايغا قارىتىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى


2007.08.24

ياپونىيە، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ، ھىندىستان ۋە سىنگاپورلار كېلەر ئاي بېنگال قولتۇقىدا ئۆتكۈزمەكچى بولغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنىڭ خىتايغا قارىتىلغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، مانېۋىرنىڭ تېررورىزم، دېڭىز قاراقچىلىرى ۋە مانېۋىرغا قاتناشقۇچى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تىنچ ئوكيان قىسىملىرىنىڭ قوماندانى ئادمىرال تىموتىي كېتىڭ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ مانېۋىرنى خىتايغا قارىتىلغان، دەپ قارىماسلىقىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ ، "ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتاينى يېتىم قالدۇرۇش مەقسىدى يوق،" دەيدۇ. گەرچە مانېۋىرغا قاتناشقۇچى دۆلەتلەر مانېۋىرنىڭ خىتاينى چەكلەشكە قارىتىلغانلىقىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئانالىزچىلار ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇھىم دۆلەت ھېسابلىنىدىغان خىتاينىڭ مانېۋىرغا قاتناشتۇرۇلمىغانلىقى خىتاي ھەربىي كۈچىنىڭ، بولۇپمۇ دېڭىز ئارمىيە كۈچىنىڭ تېز كېڭىيىۋاتقانلىقىنى چەكلەشكە قارىتىلغان، دەپ مۇھاكىمە قىلىشماقتا.

9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى باشلىنىدىغان ھەربىي مانېۋىر 6 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا مانېۋىرغا 2 دانە ئاۋىئاماتكا ۋە 11 دانە ئۇرۇش پاراخوتى، ياپونىيە 2 دانە ئۇرۇش پاراخوتى، ئاۋسترالىيە بىر قوغلىغۇچى پاراخوت بىلەن بىر ماي قاچىلاش پاراخوتى قاتناشتۇرماقچى. بېنگال قولتۇقى خىتايلار بۇ رايوندىكى بېرما ۋە بېنگاللار بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىر دېڭىز ئارمىيە بازىسىغا ئىگە بولۇشنى ئويلاۋاتقان ئىستىراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى زور رايوندۇر.

مانېۋىرغا قاتنىشىدىغان دۆلەتلەر ھەربىي ئەمەلدارلىرى پەيشەنبە كۈنى ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىغا يىغىلىپ، مانېۋىرنىڭ كۈنتەرتىپى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. شۇ كۈنى ياپونىيە باش مىنىستىرى ھىندىستان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولۇپ، ئۇ يېڭى دېھلىدا ھىندىستان، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكىلار ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، لېكىن خىتاينىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىدى. ( ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.