ئامېرىكا تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي مانېۋىرنى كۆزىتىدۇ

تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىدىغان "خەنگۇاڭ – 21" ناملىق ھەربىي مانېۋىرى كومپيۇتېر ئارقىلىق ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىگە باغلىنىدىكەن. مانىۋېرنى ياپونىيە ھەربىي دائىرىلىرىمۇ كومپيۇتېر ئارقىلىق كۈرۈپ تۇرۇشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ ئەمەلگە ئاشسا ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە تەيۋەن قاتارلىق ئۈچ تەرەپنىڭ تۇنجى قېتىم ھەربىي مانېۋىر جەريانىنى كومپيۇتېر ئارقىلىق بىر بىرىگە باغلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

تەيۋەن پرېزىدېنت ئىشخانىسى دۈشەنبە كۈنى ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلغان. بۇ خەۋەر ئامېرىكا بىلەن ياپونىيىنىڭ ۋاشىنگتوندا تەيۋەننى ئىككى دۆلەت بىخەتەرلىك رامكىسىنىڭ ئېچىگە ئالىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، 2 - 3 كۈندىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن ھەربىي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلقى مانېۋىردا ئامېرىكىنىڭ "ئۇرۇش رايونىدا بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش كومپيۇتېردا كۆزۈتۈش سىستېمىسى" نى ئىشلەتكەن.

بۇ يىلقى مانېۋىر ئامېرىكا تىنچ ئوكيان ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابىنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىسىگە باغلىنىدۇ. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ئەھۋال ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن دىرەك بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

تەيۋەن دائىرىلىرى بولسا بۇ مەسىلىگە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، مانېۋىرنى "يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان ئادەتتىكى مانېۋىر" دەپ چۈشەندۈردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ياپونىيە - ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ۋاشىنگتوندا ئېلان قىلغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنى "خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىش" دەپ تەنقىدلىگەن. (ئەركىن)