خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گاڭچۈەن، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ پىلانلىشىدىكى بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر، ئىككى دۆلەت مۇناسۋىتىدىكى مۇھىم ۋەقە، دەپ كۆرسەتتى.
شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساۋ گاڭچۈەن جۈمە كۈنى بېيجىڭدا رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى يۇرى بالۇيېۋسكىي بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، " بۇ مانېۋىرنىڭ ھازىر شۇنداقلا كەلگۈسى ئۈچۈن تەسىرى چوڭ بولۇپ قالىدۇ،" دەپ سۆزلىدى. بالۇيېۋسكىي، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى ھەربىي مانىۋېرنىڭ " ئىككى دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ تەلىم - تەربىيە قابىلىيىتى شۇنداقلا ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى يول" بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بالۇيېۋسكىي جۈمە كۈنى خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ سەنيادىكى ھەربىي بازىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە يۈرۈپ كەتتى. ئۇ يولغا چىقىشنىڭ سەل ئالدىدا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن ئۇچراشقان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى زاتلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى " تېرورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان" بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر، سەندوڭ يېرىم ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ئەسلى ئىككى تەرەپ مانىۋېرنى بۇ يىل يازدا ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان ئىدى. بىراق كېيىنرەك ھەر ئىككىلا دۆلەت ئېلان قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان سەۋەپلەر بىلەن كېچىكتۈرۈلدى.
رۇسىيە بىلەن خىتاي ئاتالمىش ئۇيغۇر تېرورچىلار بىلەن چېچەن باندىتلىرىغا قارشى ئۆز ئارا بىر بىرىنىڭ ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىشكەن ئىدى. (ئەركىن)