رۇسىيە ۋە خىتاي دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرى بۈگۈن بىرلىكتە ئۆتكۈزىدىغان ھەربي مانېۋىر ئۈچۈن كېرەكلىك ھەربىي قورال- جاپدۇقلارنى مانېۋىر ئۆتكۈزۈلىدىغان رايونغا يۆتكەشكە باشلىدى.
18 - ئاۋغۇست كۈنى باشلىماقچى بولغان ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىدىغان رۇسىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى ۋە ھەربىي قىسىملىرى ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ شەرقىي رايونىدىكى چىڭداۋ دېڭىز پورتىغا يىتىپ كەلگەن ئىدى. بۇ خىتاي ۋە رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان تۇنجى ھەربىي مانېۋىر ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ۋە رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرى تەرىپىدىن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەربىي مانېۋىر ئىككى دۆلەت قوراللىق قىسىملىرىنىڭ خەلقئارا تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە بىرلىكتە قارشى تۇرۇش قابىلىيىتىنى كۈچلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان.
سىياسىي ئانالىزچىلار، بۇ ھەربىي مانېۋىر، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيادا رادىكال ئىسلامىي ھەرىكەتلەرنىڭ كېڭىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دېيىشمەكتە. (قانات)