ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى
ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە كېلەر ھەپتە جەنۇبىي كورىيىدە يىللىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىكەن. ئىككى تەرەپنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى 1976 - يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ۋە ئۆز- ئارا ماسلىشىش قاتارلىق ساھەلەردە باھالاش ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئۇنى تېخىمۇ ياخشىلاش چارىلىرى ۋە پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.
شىمالىي كورىيە بۇ قېتىملىق مانېۋىرغا قارىتا، ئاۋۋالقىغا ئوخشاشلا قارشىلىق بىلدۈردى ھەمدە بۇنىڭ شىمالىي كورىيىگە ھۇجۇم قىلىش تەييارلىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئورتاق چېگراغا ئىگە بولغان جەنۇبىي ۋە شىمالىي كورىيىلەر ھازىرغىچە، كورىيە ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بويسۇنۇپ كەلمەكتە.
ھازىر، جەنۇبىي كورىيىنىڭ شىمالىي كورىيە بىلەن بولغان چېگرىسى ئەتراپىدا ئامېرىكىنىڭ 32 مىڭدىن كۆپ ئەسكىرى بار. ستاتىستىكىغا قارىغاندا، جەنۇبىي كورىيىنىڭ 650 مىڭ ھەربىي ئەسكىرى بار ئىكەن، ئەمما شىمالىي كورىيىنىڭ ئەسكىرىي كۈچى بولسا 1 مىليون 200 مىڭدىن ئاشىدىكەن.
شىمالىي كورىيىدىكى بىر ھەربىي ئەمەلدار ئۆتكەن ھەپتە بۇ مانېۋىرنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، شىمالىي كورىيىنىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتىكى ئۇرۇشقا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى جار سالغان ئىدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ۋە رۇسىيە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا
- ئامېرىكا ئارمىيىسى خىتاي - رۇسىيە ھەربىي مانېۋىرىنى دىققەت ئېتىبارى بىلەن كۆزىتىدۇ
- خىتاي بىلەن رۇسىيە پات ئارىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ
- ھىندىستان ئامېرىكا بىلەن دۆلەت مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالىدى
- پرېزىدېنت بۇش خۇ جىنتاۋ بىلەن تېلېفوندا شىمالىي كورىيە ۋە تەيۋەن قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى