رۇسىيە ۋە خىتاي ھەربىي مانېۋىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ

خىتاي ۋە رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي مانېۋىر داۋاملىشىۋاتىدۇ.

خىتاي قوراللىق قىسىملىرى باش شتابىنىڭ مۇئاۋىن رە ئىسى گېنېرال گې جېنفېننىڭ چىڭداۋ شەھىرىدە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنىڭ ئاياقلاشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مانېۋىرنىڭ ئۈچۈنچى باسقۇچى سەيشەنبە كۈنى باشلىنىدىكەن. خىتاي ۋە رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ تۇنجى مانېۋىر ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى باشلانغان ئىدى.

خىتاي ۋە رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ مانېۋىرغا 7000 ئەتراپىدا خىتاي ئەسكىرى، 1800 نەپەر رۇسىيە ھەربىي قىسىمى جەڭچىسى قاتناشقان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مانېۋىر خىتاي ۋە رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ بىر نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا بۇ مانېۋىر خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان سىياسىي ۋە ھەربىي تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. (قانات)