5 دۆلەت جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

يېقىندا مالايشىيا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زىللاندىيە، سىنگاپور ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق 5 دۆلەتنىڭ قوراللىق قىسمى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

ئەنگلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ 5 دۆلەت بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنىڭ نىشانى، سۇ ئۈستى بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە تېررورچىلىققا زەربە بېرىش بولۇپ، ئاساسلىقى بۇ رايوندىكى سۇ ئۈستى قاتناش يولى ئۇچراۋاتقان يوشۇرۇن تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئىكەن.

بۇ 5 دۆلەت يەنە تۇنجى قېتىم، تېررورچىلىققا قارشى مانېۋىرنى يىللىق ھەربىي مەشىق مەزمۇنىغا كىرگۈزگەن. جەنۇبىي خىتاينىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى سىنگاپور دېڭىز بوغۇزى دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىراش سۇ يوللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيا سودا پائالىيىتىنىڭ 1/4 بۇ جايدىن ئۆتىدۇ. ئەمما بۇ رايون دائىم دېڭىز قاراقچىلىرى ۋە تېررورچىلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. (پەرىدە)