ئامېرىكا تىنچ-ئوكيان رايونىدا چوڭ كۆلەمدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى
2006.02.15
ئامېرىكا بۇ يىل يازدا تىنچ-ئوكيان رايونىدا چوڭ كۆلەمدە دېڭىز ئارمىيە ھەربىي مانېۋىرى ئۆتكۈزمەكچى. مۇتەخەسسىسلەر بۇ مانېۋىرنىڭ ئامېرىكا ۋېيتنامدىن قوشۇن چېكىندۈرگەن 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق مانېۋىر ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە تىنچ ئوكيان فلوتىنىڭ قوماندانىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مانېۋىرغا ئامېرىكىنىڭ 4 دانە ئاۋىئاماتكىسى قاتناشتۇرۇلىدىكەن، بۇ ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىلىرىنىڭ 10 يىلدىن بۇيان تىنچ ئوكيان رايونىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلۈشى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ مانېۋىرغا ئامېرىكىدىن باشقا يەنە، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي قوشۇنلىرىمۇ قاتناشتۇرۇلىدىكەن.
تېخى يېقىندىلا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كەلگۈسىدىكى 20 يىللىق پىلان مۆلچەرلەنگەن دۆلەت مۇداپىئە دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىشلىرىدىكى ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى دەپ كۆرسەتكەن ھەمدە ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن ئىدى.
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە تىنچ ئوكيان فلوتىنىڭ قوماندانى گەرىي روفىد، ئامېرىكىنىڭ يادرو قوراللىرىنى ئېلىپ يۈرىدىغان جورج ۋاشىنگتون ناملىق ئاۋىئاماتكىسىنىڭ 2008- يىلى ياپونىيىنىڭ يوكوسۇكا دېگەن جايىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا بۇنىڭ، ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- 5 دۆلەت جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى
- رۇسىيە، ئۆزبېكىستان ۋە ھىندىستان بىلەن بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارىدۇ
- رۇسىيە ۋە خىتاي ھەربىي مانېۋىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ
- ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى
- خىتاي ۋە رۇسىيە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا