خىتاي ئامېرىكا ھەربىي مانىۋېرىغا تۇنجى قېتىم كۆزەتكۈچى ئەۋەتىپ قاتناشتۇردى
2006.06.20
جۇڭگو شەرقىي فىللىپىندىكى گۇئام ئارىلىدا دۈشەنبە كۈنى باشلانغان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ھەربىي مانىۋېرىغا تۇنجى قېتىم 10 كىشىلىك بىر ھەربىىي كۆزەتكۈچىلەر ئەۋەتىپ قاتناشتۇردى. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مانىۋېرغا كۆزەتكۈچى بولۇپ قاتناشقان خىتاي ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان.
مانىۋېر ئۆتكۈزۈۋاتقان بۇ قىسىملار تەيۋەن بوغۇزىدا توقۇنۇش يۈز بېرىشكە قارشى ھەيۋە قىلىش رولىنى ئويناۋاتقان مۇھىم قىسىملار ئىدى. خىتاي تەيۋەننى جۇڭگو زىمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى، دەپ قارىماقتا ۋە تەيۋەن مۇستەقىللىق جاكارلىسا ،ھەربىي ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا تەيۋەن بوغۇزىنىڭ مەۋجۇت ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرۇدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلدى.
5 كۈن داۋاملىشىدىغان مانىۋېرغا 3 ئاۋىئاماتكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 22 مىڭ ئەسكەر، 280 ئايرۇپىلان ۋە 30 دانە پاراخوت ئىشتىراك قىلغان. خىتاي ھەربىي كۆزەتكۆچىلەر ئۆمىكى يەكشەنبە ئامېرىكىنىڭ رونالد رېگان ناملىق ئاۋىئاماتكىسىنى زىيارەت قىلدى. مانىۋېرغا قاتنىشىش تەكلىپى 5 - ئايدا ئامېرىكا تىنچ ئوكيان قىسىملىرىنىڭ قوماندانى ۋىليام فاللۇن تەرىپىدىن خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىگە يەتكۈزۈلگەن ئىدى.
خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاي ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مانىۋېرغا كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشقانلىقىنى " جۇڭگو - ئامېرىكا ھەربىي ئالاقىسىنىڭ مۇھىم تەركىپى قىسىمى" دېدى. بۇ قېتىمقى مانىۋېرغا "جەسۇر قالقان" دەپ نام بېرىلگەن. (ئەركىن)