بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ كاراچىدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا، فرانسىيە، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر ئەرەب دېڭىزىدا دېڭىز تېررورچىلىقىغا قارشى بىر ھەپتىلىك ھەربىي مەشق ئۆتكۈزگەن. پاكىستان دېڭىز قىسىملىرىنىڭ باياناتچىسى كاپىتان سىدىق ئەكبەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مانىۋىرغا ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، مالايشىيا، بېنگاللارنىڭ ئۇرۇشچى ئايرۇپىلانلىرى، پاراخوتلىرى قاتناشقان. تۈركىيىنىڭ پەۋقۇلئاددە قىسىملىرىمۇ قاتناشقان.
كاپىتان ئەكبەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مانىۋىردا تىك ئۇچارلار پاراخوتلار ئارا چارلاش ئېلىپ بېرىپ، بايقالغان نىشاننى، خۇددى 2000 - يىلى يەمەننىڭ ئادېن پورتىدا ئامېرىكىنىڭ ھەربى پاراخوتىغا ئۇچتۇمتۇت ھۇجۇم قوزغىغان لادىن كېمىلىرىگە ئوخشاش باندىت كېمىلىرىنى پاچاقلاشنى مەشق قىلغان. ئۇرۇشچى ئايرۇپىلانلار بولسا ئامېرىكىنىڭ بېكەت پاراخوتلىرىدىن ئۇچۇپ چىقىپ يۇرۇتقۇچ بومبا ياكى تەقلىت بوما ئاتقان. ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئاۋسترالىيە قاتارلىق 18 دۆلەت بۇ مانىۋىرغا كۆزەتكۈچى ئەۋەتكەن. (ۋەلى)