نېپالدىكى ماۋچىلار ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتكە كىردى


2007.04.01

ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نېپالدىكى سابىق ماۋچى قوراللىق كۈچلەرنىڭ بەش نەپەر خادىمى نېپال ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىگە كىرگەن. خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ بەش نەپەر ماۋچى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان.

نېپالدىكى ماۋچىلار خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ داھىيسى ماۋزېدوڭنى ئۈلگە تىكلىگۈچى كوممۇنىستلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار ئون يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەت بىلەن ئۇرۇش قىلغان. نەتىجىدە 13 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ماۋچىلار بىلەن نېپال ھۆكۈمىتى تۆت ئاي بۇرۇن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزگەن ئىدى. ماۋچىلار نېپال ھۆكۈمىتىدىكى ئۇچۇر، يەرلىك تەرەققىيات ئىشلىرى، پىلان ئىگىلىكى، ئورمانچىلىق ھەم بالىلار ۋە ئاياللار ئىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىنىستىرلىقلارغا رەھبەرلىك قىلىشنى قولغا ئالغان بولۇپ، باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسى يەنىلا ھۆكۈمەت تەرەپتىن بېكىتىلگەن.. بۇ يىل 6-ئايدا ئۇلار يەنە پارلامېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىشقا قوشۇلغان.

نېپال ماۋچىلىرى يەنە نېپال پادىشاھلىق تۈزۈمىنى يوق قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، نەتىجىدە، نېپال پادىشاھى كۆپ پارتىيە بىرلەشكەن ھۆكۈمەتنى قۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.